Ying Yil
يېڭى يىل
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
قايتارما :
سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ،
يېڭى بىر ياشنى باشلاپ،
كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ،
كەلدى ئەنە يېڭى يىل.
ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ،
ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ،
قانغۇچە ئوينىۋالاي،
بۈگۈن مەن يايرىۋالاي.
1.رەپ بۆلەك :
بۈگۈن جەم بولدۇق ساۋاقداشلار،دوسىتلار،
ئېيىق،مايمۇن، شىر پادىشاھ،قۇشلار.
كەل كەل ئوينايلى بىللە ئوينايلى،
لىكىن ئەسكى كەپسىز بولۇپ قالمايلى.
يولنىڭ بويىدا نۇرغۇن قار بوۋاي،
كۈلۈپ تۇرىشار سوغۇقتا توڭلىماي.
ئاپپاق دالا،ئەنە قارا،قارا،
كەلدى قار مەلىكە،يەتتە پاپا.
2.رەپ بۆلەك :
سوۋغات ئېلىپ، مەھكەم سىلىپ،
ئاندىن دوستلىرىمغا چالا قويماي بېرىپ،
سوۋغات يەتمىدى لىكىن كۆڭلۈم بار ئىدى،
ئەپسۇس! يەنە ئالاي دىسەم پۇلۇم قالمىدى.
بولسا، بولسا مېنىڭكىمۇ بولسا،
ھەر كۈنى ئىچىل داستىخىنىم ياندا بولسا،
بەك ياخشى بولاتتى! شۇ چاغدا،
بېرەر ئىدىم كىشىلەرگە نېمە لازىم بولسا.
ئۆتۈشمە :
ئوينايلى، ئوينايلى،قار ئىتىشىپ ئوينايلى،
ئاپئاق قارغا مىلىنىپ بىز قار بوۋايغا ئوخشايلى،
سائەت تۆتتىن ئون بەش بولاي دىدى كەچ،
قاردا تۈگۈپ سامسا كۆمەچ قورساقلارنى توقلايلى.
قار ياغدى لەپ-لەپ بىز ئوينايمىز سەكرەپ،
مەھكەم كىيگىن پوسماڭنى قىش قىلمىسۇن بوزەك.
ئوينىۋالغىن تازا قېنىپ بۈگۈن بايرام يېڭى يىل،
بىزگە ئامەت ئېلىپ كەلسۇن خوپ مۇبارەك يېڭى يىل.