خۇش
作曲:Allenj
作词:Bro Nexter
This is Bro
Represent Slash underground
you know what im saying?
Check this out
Bro
قەغەز سورىدى قەلەمدىن دىدى
باشقىسى يوقمىدۇ ئەلەمدىن
مۇشۇنداق خەق بىز ئەزەلدىن دىدىم
كونا سەنەمگە دەسسەپ خۇش
بىرگە شۈكۈر قىلدىڭ خاتا دىمىدىم
بىرنى ئىككى قىلىشقا ئىنتىلمىدىڭ
كۈنىگە تۆت قېتىم يالۋۇرۇپ كۆپ قېتىم
ئىشلا جايىدا پۈتكەنگە خۇش
جىق نەرسىدە ئارقىدا بىراق
كۆرەممەسلىكتە بىرىنجى بىز
ئىشەنىچ قالمىدى يېقىن يىراق
گۇمانغا تەييار ئۈچىنجىدىن
تۆت كۈنلۈك دۇنيا توغرا
بەشتە ئەلا كۆتەمىچىلىك
ئالتە شەھەردە كۆپتۇر شىۋە
ئارىمىزدا كۆپ تىخى ئايرىمىچىلىق
Nexter
ئادەم دېڭىز ئارىسىدا
قارىسىغا كېتىپ بارغان ئادەم مەن
نۇرغۇن كۆرگەچكە بىلگەچكە
قولۇمغا قەلەمنى ئالغان مەن
توغرا ھەممىنى بىلىمەن دېمىدىم
بىلگەنلىرىممۇ راست چەكلىك
يالغانغا يالغان راستقا راست
مېنىڭ قەلىمىم ھەققىلا تەڭشەكلىك
نوچى ئەركەك ئاتالدى بەزىلە
كۈنىگە بىر گۈلنى بۇزغىنىغا
ئاشىق ئۇدارىغا كۆپتۇر نەزمىلەر
ئۆزگىلەر يېشىغا كۈلۈپ خۇش
ئاتىسى كەتسە بالىلار
يىغلاپ بېرىدۇ خەققە
ئەمەلىيەتتە ئۇنسىز ئىچىدە
مىراسنى ئويلاپ يۈرۈيدۇ خۇش
سودىگەرنىڭ سودىسى روناق
قولى ئەگرىدىن پەرقىم يوق
قېرى ئاجىز كىچىك چوڭنىڭ
ئاچ توقى بىلەن مىنىڭ چاتىقىم يوق
ھېساب دۇرۇسقا تايىنىم يوق مېنىڭ
ئىنساپ بىلەن يەنە چاتىقىم يوق
ئەرزان ئالسام قىممەت ساتسام
پۇل تاپساملا بولىمەن خۇش
يايرىم بولسا ئالدامچى مېنىڭ
دوستۇم سۆزىدە راست گەپ يوق
يېڭى تونۇشتۇق سىرىمنى ئۇقۇشتۇڭ
ئۆرۈلسەم كەينىمدە سەن خەق يوق
مەن بىر يولۇچى كارۋان ئۈستىدە
يولدا كۆرگىنىمنى سۆزلەيمەن
مەقسىتىم ئالەمچە مېنىڭ ئەتراپ
توغرا يولنى بىلىسكەن دەيمەن
دەردلىرى تۈگىسە دەيمەن
خۇششاللىقتىن كۈلسىكە دەيمەن
مەينەت ئىشتىن نېرى تۇر دوستۇم
دۇرۇس يولىدىن تاپىسەن خۇش
توغرا ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە دۈشمەن
ئۆزىنى يەڭمەك بەك تەس ئىش
غەملەر ئارىسىدا قالماي
دىگىن تەشۋىشلەرگە خەيىر-خوش
Bro
ئۆزلىك ئېڭىدا بىزلەر غەمسىز
تەمسىز تۇرمۇش كۈنلەر رەڭسىز
چەكسىز ئىلھام سۆكىمەن شەرتسىز
haters كېپ قىنى ئالدىمنى توس
ئەرلىك غورور تىلىڭدا ئەركىن
ۋاقتى كەلسە دەيسە تەمكىن
ئاغىنەڭنىڭ ئالدى مەنتىم
ئىچىمدە كۈلۈۋەتتىم
تاپقىنىڭنى تامغا چاپلاپ
تانغىنىڭنى ياتقا باتناپ
يۈرەمسە شۇنداق تىنىمسىز قاتراپ
تۈگمەس ئەتىگە قۇل بىز خۇش
بالا تەربىيەسىگە يوقتۇر ئويلار
بىزچۇ قۇرامسىز قىزنىڭ تويىغا
قىز مىلى جىقايتىشنىڭ كويىدا
بايغا تويلا پۈتكەنگە خۇش
تىل دەشناغا تەشنا دىللا
خوشال كۈلىدۇ ياغسا تىللا
خوشەمەتچىلىك ئۆزىنىڭ يولىدا
بىركۈن غەمسىز ئۆتكەنگە خۇش
كۆپكە خوش دىدىم
كۆپكە خۇش ئىدىڭ
سەپلە بوش دىدىڭ
سەۋىرنى توش دىدىم
دەتكە توش دىدى
رەپتە پوش دىدىم
يازىمەن ئىتىمەن كۆرىمەن خوش
كۆپكە خوش دىدىم
كۆپكە خۇش ئىدىڭىڭ
سەپلە بوش دىدىڭ
سەۋىرنى توش دىدىم
دەتكە توش دىدى
رەپتە پوش دىدىم
يازىمەن ئېيتىمەن بىلىسەن خوش